
ياش ئاكتىيۇر ئۆمەرجان ئابدۇكىرىم سەنئەت ئوچاقلىرىنىڭ قەدىمقى ماكانى بولغان قەشقەر شەھرىدە زىيالى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن . سەنئەتكە بولغان قىزغىن ئىشتىياقنىڭ تۇرتكىسىدە 94- يىلى مەركىزى تىياتىر ئىنسىستىتۇنىڭ ئاكتىيۇرلۇق ( ئورۇنلاش ) فاكۇلتتىغا قۇبۇل قىلىنغان . ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ 98 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوپىرا ئۇمىگگە قۇبۇل قىلىنغان . شۇنىڭدىن بۇ يان ئۇ كەسىپىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە ئىزدىنىش نەتجىسدە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا ئۆتكۇزۇلگەن تۇرلۇك كېچىلىكلەردە ئوخشىمايدىغان خارەكتىرگە ئىگە ئوبرازلارنى بىر بىردىن پەرىقلىق ھالدا يارقىن نامايەن قىلىپ خەلىقنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەلگەن ئۇ يەنە ئىچكى ئۆلكىدىكى رىجسۇرلار بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا تۇرلۇك تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىدا رول ئىلىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ كىلىۋاتىدۇ
ئۆمەرجان ئابدۇكىرىمنىڭ ھازىرغىچە روياپقا چىقارغان سەھنە ئەسەرلىرى
درامىلاردىن « پەرھات شىرىن » « مۇزتاغقا كەلگەن مىھمان » « سىھىرلىك ئورۇندۇق » قاتارلىقلاردا رول ئالغان .
ئىتوتلاردىن - « ئوقۇشقا ئۇزۇتۇش » « يىغىنۋازلىق » « تۇرمۇش سىمفونىيسى » « ھالال ياشايلى » « مايلامچى » « ئارتىس بىلەن چىلىشچى » « ئۇقۇشماسلىق » « ئۇيغۇر تائاملىرى » «لەقەم يۇتكەش » « ۋىجدان » « ئائىلە شاتلىغى » « خاتا چاي » قاتارلىق ئىتوتلاردا رول ئالغان
قاتناشقان كىنو تىلۋىزىيە فىلىملىرى –
« ئاي گۇۋاھ » « يىپەك يولى » « قۇملۇقتىكى ئىگىز تام » « جۇڭگۇ خەنجىرى » « ئەپەندىم » « مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر » « سۇ بويىدا » ( يىڭى ئىشلەنگەن ) « ناۋا مۇقامى » قاتارلىق كىنو ۋە تىلۋىزىيە فىلىملىرىدا رول ئىلىپ مۇۋاپىىقيەتلىك ئوبرازلانى ياراتقان . ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمكىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ .
ئۆمەرجان ئابدۇكىرىمنىڭ ھۆرىيەت كىنۇ تىلۋىزىيە چەكلىك شىركىتىدە مۇئاۋىن رىجسۇرلۇق خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ .