
راخمانجان ئاۋۈت ئۆزھال 1977 – يىلى يەكەن ناھىيسنىڭ خاڭدى بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن 93 – يىلدىن 94 - يىلغىچە قەشقەر سەنئەت مەكتىۋىنىڭ ناخشا كەسپىدە ئوقۇغان 94 – يىلدىن 98 - يىلغىچە مەركىزى تىياتىر ئىنستتۇتىنىڭ ئاكتىيۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوپىرا تىياتىرىدا خىزمەت قىلغان 2006–يىلى مەمىلكەتلىك خەلىق ئىشلار ئىدارىسنىڭ ئۆمىتلىك ياشلارنى تاللاپ تەربىيەلەش پىلانى بويىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە مەدەنىيەت نازارىتنىڭ تاللاپ بىكتىشى بىلەن تاللىنىپ مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇنىڭ دراما . كىنو يىزىقچىلىق فاكۇلتتىغا ئىككى يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ، ئاپتۇر ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۈنۈم رايۇنلۇق سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت تەتقىقات بۈلۈمىنىڭ كەسپى ئىجادىيەتچىسى بۇلۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە
رول ئالغان فىلىملار : ناۋا مۇقامىدا شاھ مەشرەپنىڭ رولىنى ، «سەھرادىكى مۇڭلۇق كۈي » فىلىمىدە نۇرمۇھەممەدنىڭ رولىنى ، « قىينى ئاتا ۋە كىلىن پاجىئەسى » فىلىمىدە مەھمۇدنىڭ رولىنى ئالغان
ئىتوتلاردىن ياق سىز خوتۇن ئالالايسز . زامانىمىزدىكى پەرھات شىرىن قاتارلىقلارنى ئورۇندىغان
ناخشىلاردىن ئۈكىجان . ئۆمۇر يولى قاتارلىقلارنى تىلىۋىزىيە ئىستانسسنىڭ تۈرلۇك كىچلىكلىرىدە بەرگەن
سىنارىيلەر . ناۋا مۇقامى . ئۆزھال مۇقامى . قاچقۇن . مەن ئوقۇيمەن . كىچىدىكى يىغا ئاۋازى . دۇتتار قاتارلىق كىنو ۋە مۇقام سىنارىيلىرىنى يازغان
درامىلار ؛ تاش ئەينەك ، چىن تۈمۈر باتۇر (موزىكىلىق دراما ) روھ كۆزى ( موزىكىلىق دراما ) قېساس قاتارلىقلار
( ئىتوتلار ) ئوقۇشقا ئۇزۇتۇش . بەڭۋاشنىڭ خىيالى . سوۋغات . تىلفۇن ماجىراسى
ئەدەبى ئەسەرلىرى .
پوۋستلار . بەختنىڭ ئارقا كوچسى (تۇرپان ژۇرنىلى) مۇھەببەتلىك دۇنيا ( تارىم ) ئاق تېمساھ ( تارىم ) ئەزىزە ( تارىم )
ھىكايىلەر؛ ئۆتنە جاھان « ئىقتىزاد گېزىتى » سازەندىنىڭ ئۇلۇمى ( تەقدىرداشلار ) ئەركىن مەھبۇسلار ( تەقدىرداشلار ) مىنى ياخشى كۆرەمسز ؟ ( ئىشچىلار ھەركىتى ) يالىڭاچلىنىش ( تەڭرىتاغ ) يارىماسنىڭ ئىقرارى ( تەڭرىتاغ ) ئېغىز گارمۇنى ( تەڭرىتاغ ) روھىم سەكراتتا ( يېڭى قاشتىشى ) قاسماق ( كىروران ) سۇكۇت ئارقىلىق غەلبە قېلىش ( تارىم ) سەنئەتكار ۋە ئىت ( ئاقسۇ ئەدەبىياتى )
نەسىرلەر ، ئەجەم ( قۇمۇل ئەدەبىياتى) چىم بۇلاق ( قۇمۇل ئەدەبىياتى) ئىلتىجا ( ئىقتىزاد گىزىتى ) قىزىم چوڭ بولمساڭ بوپتىكەن ( تۇرپان ) ئانا ئۈژمە (تۇرپان گىزىتى) كەچۇر ئىتىم ( ئاقسۇ ئەدەبىياتى ) تەنھالىق ( ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى )
سەنئەت ئوبزۇرلىرى . سەرسان روھ ۋە رىئاللىق ئەپسانسى (تەڭرىتاش ئىكرانى) غەلىتە قەبىلىدىكى بىمەنە ئىشلار ( ئىقتىزاد گىزىتى ) سەھندىكى گۇلخان (ئىشچىلار ھەركىتى) تەكلىماكان پەرشتسى ( ئىشچىلار ھەركىتى ) ئارتىس ۋە باھا ( ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى )
ئوبزۇرلار ؛ دىھقان ئاتا بۇ سەنمۇ ؟ ( ئىشچىلار ھەركىتى) ساتمىلاردىن سەھنىلەرگىچە ( شىنجاڭ ياشلىرى ) يازغۇچىلاردىكى ھەقىقەت تۇيغۇسى ۋە بىزدىكى كۈچۈرمىكەشلىك ھادىسسى (ئىلى دەرياسى) ئوغۇرلۇقمۇ ياكى ئوغۇرىنى ئەيىپلەپ قىلىنغان ئوغۇرلۇقمۇ ؟ ( قۇمۇل ئەدەبىياتى ) ئەسەرلەردىكى «مەن» نىڭ يوقۇلۇش پاجىئەسى (قۇمۇل ئەدەبىياتى)
ماقاللەر ؛ ئەرلەرنىڭ ۋەتىنى ( كىروران ) تەپەككۇر ئالىمىدىكى ياشاش ھوقۇقى ( تەڭرىتاغ ) مەن ئۆيگە چوقۇم بارىمەن (تەڭرىتاغ) سەنئەتكارنىڭ مەسئۇليتى (شىنجاڭ سەنئىتى) ساۋيۇ ۋە گۆلدۈرماما (شىنجاڭ سەنئىتى) ئىلىم ئىزدەپ ( تەڭرىتاغ ) مۇئەللىم كەتمەڭ ( ئىقتىزاد گىزىتى ) شەرىق روھى جاڭ يىمو « شىنجاڭ سەنئىتى » شىنجاڭ سەنئەت ھەپتىلىگى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم « شىنجاڭ سەنئىتى » ئۇيغۇر ئۈسۈلچىلىغىدىكى قىزلىق تەبئىتى « كىروران »
ناخشا تىكستلىرى ؛ ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئىجراسىدا كىچەلمەيمەن سىنىڭدىن ۋەتەن ، ئەركىن ئابدۇللا ئىجراسىدا سەھرا . دۆڭكۆۋرۇك ھەققىدە پاراڭ ، نۇرنسا ئابباس ئىجراسىدا ، قىزغانما دۇنيا ئىمنجان يۈسۈپ ئىجراسىدا دۇنيا ، ئەنۋەر ھاكىم ئىجراىسدا بۇ ئالەم ، ئىرفان ئىجراسىدا ، يەر شارى . ئوسمانجان ئىجراسىدا مەشرەپ . سەھەر ئانسانبىلى ئىجراسىدا دۇئا بىرىڭ بەختىمگە ئۆمرۇمگە ئانا . مەن تۇغۇلغان ئۆي . ئىمننىياز ئىجراسىداساما . شىر ئەلى ئىجراسىدا باللىغىم . قاتارلىق ناخشا تېكىستلىرىنى يازغان
ناخشا پىلاستنكىسى ؛ ئۆمۇر يولى
ئىجتىھاتلىق ياش يازغۇچى ۋە شائىر راخمانجان ئاۋۈت ئۆزھال يىقىندا ئون يىلدىن بىرى يازغان ئەسەرلىرىنى يىغىپ ئىككى پارچە رۇمان . پوۋسىتلار توپلىمى . ھىكايىلەر توپلىمى . ماقاللەر توپلىمى . شېئىرلار توپلىمىدىن ئىبارەت يەتتە پارچە كىتابىنى مىللەتلەر نەشىرياتىغا نەشىرگە سۈندى .
بىر قولىدا سەنئەت بىر قولىدا ئەدەبىياتنى تۇتقان ياش شائىر ۋە ئىزدىنىشچان بۇ پىكىر ئىگسېنىڭ داۋاملىق ئىلگىرلەش بىلەن بىرگە خەلىقىمىزنىڭ رىئاللىغى بىلەن مەھكەم باغلانغان ئىجادى قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى يارىتىپ ئىجاد ئالىمىدە ئۆزىنىڭ بۈك باراقسان بىغىنى خۈش پۈراق گۇللەر بىلەن بىزىشىنى چىن كۆڭىلمىزدىن ئۆمىت قىلىمىز
يازغۇچى سەنئەتكار راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال ھازىر شىنجاڭ ھۆرىيەت كىنو تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتىدە كەسپى سىنارىستلىق ۋەزىپىسىدە بۇلۇپ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى << مىليۇن گۈل>> فىلىمىنىڭ سىنارىيەسىنى يېزىۋاتىدۇ .