
ئۈزىگە خاس گىتتار چېلىش ئۇسلوبى ، ئۈزىگە خاس مۇزىكا ئىجادىيتى بىلەن خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كىلىۋاتقان ياش گىتتار چولپىنى ۋە جوڭگۇ گىتتارچىلار جەمىيتىنىڭ تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئۇيغۇر ئەزاسى ، كومپازىتور شىرئەلى ئابدۇرېشىتنىڭ مۇزىكا ھاياتى مۇزىكا كەسپىدە ئۇقۇشتىن باشلانغان بۇلۇپ سېستىمىلىق تەربىيەلىنىش، ئۆزلۈكسىز تىرىشىش، جاپالىق مەشىق داۋامىدا يىتىلگەن تالانىتى بىلەن ھازىرغا قەدەر خەلقىمىز ھوزۇرىغا سۇنغان ناخشا-مۇزىكا ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالاننىتلىق سەنئەتكاردۇر.
ئۇ ھازىرغا قەدەر " تەكلىماكان " " گۈزەلىم" "كەت " قاتارلىق بىر يۈرۈش ناخشا مۇزىكا پىلاستىنكىسىنى خەلقىمىز ھۇزۇرىغا سۇنۇش بىلەن بىرگە " ئاقىۋەت " " ئارزۇ" "مۇھەببەت ھېكايىسى " " ئۈچ ئوغۇل " " بەخىت ئۇنتولمايدۇ " قاتارلىق تېلۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ھەقىيقى ئىجادىيەت تالانتىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىللە ھازىرغا قەدەر 30 نەچچە مەيدان يالغۇز كىشىلىك نەق مەيدان سەنئەت كىچىلىكى ئۆتكۈزۈپ خەلقىمىز قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى .
ئۇ 2006 - يىلى دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۆتكۈزگەن 8- نۆۋەتلىك مۇزىكا ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ " قوڭغۇراقچى قىز " نامىلىق ئىجادى مۇزىكىسى ئالتون مۇكاپاتقا ئىرىشىپ خەلقىمىزگە شان شەرەپ كەلتۈردى.
كومپازىتور شىرئەلى ئابدۇرشىت ھازىر ھۆرىيەت كىنو- تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپى مۇزىكا تەھرىرى، مۇزىكا يىتەكچىسى ۋە مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى بۇلۇپ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى << مىليون گۈل >> فىلىمنىڭ باش كومپازىتورى مۇزىكا ئىشلىگۈچىسىلىك ۋەزىپىسىدە .