为了方便您浏览请下载flash插件,下载地址

如果您看到
“为了帮助保护您的安全,Internet Explorer已经限制此文件的显示可能访问您的计算机的活动内容,单击此处查看选项”

请单击,点“允许阻止的内容(A)”,在弹出的对话框中选择“是”。
شىفىر ئىسىم
فىلىمىڭىزنى زاكاس قىلىۋېلىڭ... مەرھەمەت!
  ئارتىسىلار  
رېژىسسور




ئابلىز ئابدۇرىشىتنىڭ ئىكران ھاياتى 1990– يىلى «تەڭرىتاغ» كىنو سىتودىيسى ئىشلىگەن «خوتەن ھېكايىسى» ناملىق كىنو فىلىمىدە رول ئېلىشتىن  باشلانغان بۇلۇپ،  ھازىرغا قەدەر  ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەنگەن «باياۋانغا كەلگەن مېھمان»، «ياشلىق»، «قاراڭغۇ تاغ»، «ئاتا ئارزۇسى»، «بۈيۈك خەن شاھزادىسى– 2»، «شەرق پالۋىنى»، «بۇۋام»، «ئەڭ ئاخىرقى كۆل»،  «تەڭرىتاغ جاۋاپ بەرمەكتە»، «تىمتاس گۇگۇم»،  «تۇمانلىق سەھەر»، «ئاقىۋەت»، «مۇھەببەت ھېكايىسى»، «ئارزۇ»، «ئۈچ ئوغۇل»، «بەخت ئۇنتۇلمايدۇ»، «كۆل بويىدىكى چوغ» قاتارلىق نۇرغۇن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىمى، تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدا باش رول ئالغاندىن باشقا، «مەلىكەم»، «خوتەن كۈيلىرى»، «ئايرىلىش» قاتارلىق M T V فىلىملىرىگە رېژىسسورلۇق قىلغان ھەم بۇ فىلىملىرىدە باش رولغان ئالغان .
          ئابلىز ئابدۇرېشىت  2002– يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، دۆلەتلىك رادىيو- كىنو- تېلىۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئىشلىگەن جۇڭگو ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ  توققۇزىنچىسى بولغان «بايات» مۇقامىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەش خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىىنپ، مەزكۇر فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلغان ھەم بۇ فىلىمدە باش رول ئالغان .
        ئابلىز ئابدۇرېشىت 2006– يىلى ئامېرىكا ھوللىۋد كىنو رېژىسسورلىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن  قەشقەردە ئىشلەنگەن «لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا»  فىلىمىنىڭ  شىنجاڭ تەرەپ رېژىسسورلۇق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ  قىلىنغان .
           ئابلىز ئابدۇرېشىت 2006– يىلى ئۆزى شەخسىي  مەبلەغ سالغان، ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو، كىنو– تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرپىدىن تەستىقلىنىپ ئەنگە ئېلىنغان «ھۆرىيەت» كىنو- تېلىۋىزىيە چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، ئاپتونوم راونىمىزدا مۇشۇ ساھەدە تۇنجى بولۇپ ئىش باشلىغان رېژىسسور سۈپىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنو– تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە.

 ئۇ " مىليون گۈل " فىلىمىنىڭ  رېژىسسورى ، باش رولچىلىق ۋەزىپىسىدە .

       
 
2010-6-18 14:01:45
 
:يوللانغان ۋاقتى
 
7696  قېتىم
 
:كۆرۈلۈشى