1. بۇ پائالىيەت بۇرۇن فىلىم نەشىر قىلىش ئىشلىرىدا كۈرۈلۈپ باقمىغان ئۇسۇل بىلەن باشلانغان بۇلۇپ ، فىلىمنى ئالدىدىن زاكاس قىلىش، ئەسلى نۇسقىسىنى خاتىرە بۇيۇم قىلىپ ساقلاش، فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن ئەجىر قىلغۇچىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ ، قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئۇيغۇر كىنو -تېلېۋىزىيە مەدەنىيتىگە ئۇل سېلىشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى قەدەم .
شۇ ۋەجىدىن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى<< مىليون گۈل >> فىلىمى ئالدىدىن زاكاس قىلغۇچىنىڭ قۇلىغا بىۋاستە يەتكۈزىلىدۇ .
2. فىلىم باھا ئۇچۇرى :
<1> . كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى<< مىليون گۈل >> فىلىمى ھەر بىر پەسىلدە ئىككى قىسىم يىڭىلىنىپ ئىشلىنىلىدۇ ، ھەر ئىككى قىسىم فىلىم بىر DVD پىلاستىنكىسىغا قاچىلىنىدىغان بۇلۇپ، ئىككى قىسىم بىر DVD پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى 55 يۈئەن .
<2>. فىلىمنى زاكاس قىلىپ سېتىۋالغۇچى دوستۇم سىز سېتىۋالغان ھەر بىر پىلاستىنكىنىڭ 2 يۈەن پۇلى ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەيرى ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن شىنجاڭدىكى ئۈمىد قۇرلىشى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە ئىئانە قىلىنىدۇ.
<3>. سېتىلغان ھەر بىر پىلاستىنكىغا قانۇن بۇيىنچە شىركىتىمىز باج تۈلەيدۇ .
<4>. فىلىم تارقىتىش مۇراسىمىدىن كىيىن شىركىتىمىز زاكاس قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن فىلىمنى ۋە فىلىمگە ئائىت ئۇچۇرلار ژورنىلىنى پوچتىدىن زاكاس قىلغۇچىغا بىۋاستە يەتكۈزىدۇ .
3. زاكاس قىلغۇچى ئۇچۇرلىرى :
<1>. زاكاس جەدۋىلىگە قول قۇيۇپ زاكاس قىلىش :
زاكاس قىلغۇچى فىلىمنى زاكاس قىلىپ پۇلىنى تاپشۇرغاندىن كىيىن ، شىركىتىمىز ياكى ھەر قايسى رايۇنلاردىكى ۋاكالىتەن كەسىپ بىجىرگۈچىلەر فىلىمنى ئالدىدىن سېتىۋالغانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بىرىدۇ . فىلىمنى زاكاس قىلغۇچى فىلىمنىڭ قۇلىغا توغرا يېتىپ بىرىشى ئۈچۈن تۇلۇق ئىسمى، پوچتا ئادرىسى، تېلفۇنى ، ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشى كىرەك .
2. تور ئارقىلىق زاكاس قىلىش :
شىركەت تور بېتىدە كۆرسىتىلگەن زاكاس قىلىش بېتىگە كىرىپ مۇناسىۋەتلىك كاتاكچىلەرنى تولدۇرغاندىن كىيىن، شىركەت بەلگىلىگەن پۇل مۇئامىلە بانكىسىغا بانكا ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇپ ، بانكىنىڭ ئىسپاتىنى شىركىتىمىزگە تېلفۇن قىلىش ئارقىلىق ‹‹ تەستىق نۇمۇرى ›› ئالغاندىن كىيىن مەشخۇلاتنى ئاخرلاشتۇرۇپ، سېستىما تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى ساقلىۋالسا بۇلىدۇ .
مەسلىھەت سوراش تېلېفۇنى : 09918555155
13999971399
13999157303
فىلىم سېتىۋالغۇچى دوستلارنىڭ فىلىم زاكاس قىلىشى ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر كىنو - تېلېۋىزىيە ساھەسىنىڭ بىخ ھالىتىگە مەدەت بەرگىنى، شىركىتىمىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر كىنو- تېلېۋىزىيە ساھەسىنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلارغا ئىلھام مەدەت بەرگىنىدۇر. ئازغىنە خەجلىگەن ئىقتىسادىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر كىنو- تېلېۋىزىيە ساھەسىنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرالىساق مانا بۇ ھەممىمىزنىڭ خۇشاللىقىدۇر .